| بېكەت تۈزۈلۈپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ ئىجرا بولۇش ئەھۋالىنى سىناپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ .بولۇپمۇ Web بەتلەرنىڭ مۇلازىمىتىر بۆلىكىدە ئىجرا
بولۇش ئەھۋالىنى كۆپرەك سىناپ نەتىنجىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش لازىم . سىناق مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ، تور نامى ۋە بوشلۇق ئىلتىماس
قىلىپ ، سىناقتىن ئۆتكەن تور بەت ھۆججەتلىرى ئىنتىرنىت تورىغا يوللىساق بولىدۇ . ئەمما دىققەت قىلىش كېرەككى: بېكەتنى Internet تورىغا
يوللىۋىتىش بىلەنلا ئىشلار تۈگىمەيدۇ . ياخشى بولغان Web بېكەت دائىملىق يېڭىلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخنىك خادىملارنىڭ
باشقۇرۇشى ۋە ئاسىرىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ . مۇشۇنداق قىلغاندىلا بېكەتنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يېڭىدىن قۇرۇلغان بېكەتكە قارىتا تەشۋىقات خىزمىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغاندا ئۇنىڭ زىيارەت نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش ناھايىتى
تەسكە توختايدۇ . شۇڭلاشقا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بېكەت تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەش ، ياكى ھەر قايسى ئىزلەش بېكەتلىرىگە تىزىملىتىپ قويۇش
لازىم(توردا مۇشۇ تۈردىكى مۇلازىمەتنى ھەقسىز بېجىرىدىغان بېكەتلەر خېلى نۇرغۇن ) . بۇنىڭدىن باشقا زىيارەت نىسبىتى يۇقىرى بولغان تور بېكەتلەر
بىلەن دوستانە ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشمۇ تور بېكەتنى تەشۋىق قىلىشنىڭ بىر خىل ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
|