WWWنىڭ تولۇق ئاتىلىشى World Wide Webبولۇپ ، TCP/IPكېلىشىمى ئاساسدىكى تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ .ئادەتتە WWW
مۇلازىمېتىر تەلەپنى قوبۇللىغاندىن كېيىن ،html ھالىتىدىكى يازما ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلغۇچىغا يوللاپ بېرىدۇ .تەلەپ قىلغۇچىنىڭ كومپيۇتېرى بۇ
HTML يېزىقلارنى تەرجىمە قىلىپ ، ئېھتىياجلىق بولغان ئۇچۇرلارنى تور كۆرگۈ كۆزنىگىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ . WWW مۇلازىمەت سۈرئىتى تېز،
ئىقتىدارى كۈچلۈك ، كېلىشىمنامىسى قېلىپلاشقان ، مۇلازىمېتىر قۇرۇش ۋە ئۇچۇر يوللاش قولاي بولۇشتەك نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. 1984 – يىلى
Hypertext قۇرۇلما گەۋدىسىنىڭ Internetتا قوللىنىلىشى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، WWWئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك ئەۋزەللىكى بىلەن
Internetدۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت شەكلى بولۇپ قالدى . بىلىك كولۇبىدىن ئەرتەش ئەپەندىم تەييارلىغان. |