تور بەت سۈپىتىنىڭ ياخشى – يامانلىقى ، تور بېكەتنىڭ كېيىنكى تارەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . بەزى تور بەت تۈزگىچىلەر ئۆزىنىڭ
تور بەت ئېچىش يۇمشاق دېتاللىرىنى بەش قولدەك بىلىدىغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ، مۇشۇ كەسپ بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىقى بولغان رەڭ پىسخىكىسى ،
قۇرۇلما ، گۈزەل – سەنئەت قاتارلىق ئامىللىرىغا سەل قارايدۇ . نەتىنجىدە تور بەت قۇرۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، تور بەتنىڭ قۇرۇلما ۋە سەنئىەتلىگى
كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا ، زىيارەتچىلەرنى جەلپ قىلىش تەسكە توختايدۇ . چۈنكى تور بەت تۈزۈشكە ھەر قانچە ئۇستا بولغان تەقدىرىدىمۇ، بۇ
مەشغۇلات جەريانى پەقەت تور بەت تۈزگۈچى ئۈچۈنلا ئىشلەيدۇ ، باشقىلارنىڭ ھەقىقىي كۆرىدىغىنى ئەڭ ئاخىرقى پۈتۈپ چىققان تور بەتنىڭ ئۈنۈمى.
لايىھەلەش جەريانى گۈزەللىك ھىس تۇيغۇسىنىڭ ھاسىلاتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . مۇۋاپىقىيەت قازانغان كۆپىنچە تور بېكەتلەرنىڭ زىيارەت بەتلىرى
ئادەتتە ناھايىتى سەنئەتلىك بولىدۇ .ئەمما تور بەت لايىھەلەشتە سەنئەتلىك قىلىپ لايىھەلەش ئاساسلىق نىشان ئەمەس پەقەت بىر ۋاستىدىن ئىبارەت . (1)بېكەتكە نام تاللاش :بېكەتكە تاللانغان نام يىغىنچاق ، قىسقا ،بېكەت مەزمۇنىغا خاس ، ئەستە تۇتۇش قولاي بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ . ئىمكان بار
تور بەت مەزمۇنى بىلەن باغلانمايدىغان ناملارنى ئىشلەتمەسلىك لازىم . ئۇنداق بولمايدىكەن زىيارەتچىلەر بېكەت نامىغا قىزىقىپ ، تور بەتلەرنى زىيارەت
قىلغان تەقدىرىدىمۇ ، ئۈمۈتسىزلىنىپ قايتىپ چىقىدۇ . (2) تور بەت مەزمۇنى توپلاش : بېكەت نامىنى ئويلىشىپ بولغاندىن كېيىن ، ھەر بىر بەتكە ئېھتىياجلىق بولغان مەزمۇن ماتىرياللىرىنى توپلىۋېلىش لازىم . (3)رەسىم تەييارلاش : پەقەت يېزىقلا ئىشلىتىلگەن بېكەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ .شۇڭلاشقا بەت ۋە يېزىقلارغا شەكىل بەلگە رەسىملەرنى مۇۋاپىق قوشۇپ ئىشلىتىش
لازىم . بەزى ۋاقىتلاردا بىر نەچچە بەت يېزىلغان چۈشەندۈرۈش ،بىر پارچە رەسىمچىلىك تەپسىلىي بولمايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ، رەسىم سىغىمىنى ئىمكان بار ئېھتىياجلىق ئۆلچەمدە كىچىكلىتىپ ، تور بەتنىڭ ئېچىلىش
سۈرئىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك .چۈنكى رەسىمنىڭ چوڭ – كىچىكلىگى تور بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدىغان
ئاساسلىق ئامىلدۇر . رەسىملەرنى تاللىغاندا ئالاھىدە تەلەپ بولمىسا gifھۆججەت شەكلىدە ساقلاش (gifھۆججەت شەكلى ئارقىلىق ئارقا تەگلىگى سۈزۈك
بولغان رەسىملەرنىمۇ ساقلاشقا بولىدۇ ) ؛ئەگەر رەسىملەرگە قويىلىدىغان تەلەپ يۇقىرى بولسا jpgۋە ياكى pngھۆججەت شەكلىدە ساقلاش لازىم . (4) تور بەت رامكا قۇرۇلمىسىنى بېكىتىش : تور بەت رامكىسىنى بېكىتىش مۇۋاپىق بولۇش ، بەك قالايمىقان ئورۇنلاشتۇرىۋەتمەي ، مەزمۇنغا ئاساسەن بېكىتىش؛ چەكلىك بولغان ئېكران يۈزلىكىنى
ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش بىلەن بىرگە ، قىستاڭچىلىق تەسىرى بەرمەسلىك ئۈچۈن ، مۇناسىپ كېلىدىغان جايلار بولسا ئاق قالدۇرۇش لازىم . (5)تەگلىك رېڭىنى بەلگىلەش : تەگلىك رېڭىنى بەت مەزمۇنغا ئاساساسەن بەلگىلىسەك بولىدۇ.مەسىلەن :تۈزىۋاتقىنىمىز تور خاتىرىسى(blog) بولسا ، ھىس تۇيغۇغا مۇۋاپىق كېلىدىغان
سۇس قىزغۇچ رەڭ ، سۆسۈن رەڭ دىگەندەك نەپىس رەڭلەرنى ئىشلەتسەك بولىدۇ . (6) باشقا ئامىللارنى قىستۇرۇش : تور بەت ئۈنىمىنى بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىش ئۈچۈن ، بەتلەرگە يەنە مۇۋاپىق بولغان ئاۋاز ، ھەركەتلىك سۈرەت ، Flash,javaApplet
قاتارلىق ئامىللارنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ . ئەمما بۇ ئامىللارنى بەك كۆپ قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ ، بولمىسا تور بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپلا
قالماستىن ، ئېچىلغاندىن كېيىنكى تور بەت ، زىيارەت قىلغۇچىنىڭ كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلىۋېتىشى مۈمكىن . |