كىنۇ ئارتىسى ئەنجىلىنا جۇلى لېۋىيە خەلقىنى يوقلىدى |

كىنۇ تورى خەۋىرى:2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى داڭلىق چولپان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوستلۇق باش ئەلچىسى ئەنجىلىنا جۇلى لىۋىيەگە يېتىپ كەلدى.ئۇ مۇنداق دېدى:مېنىڭ بۇ قېتىم لېۋىيەگە كېلىشتىكى سەۋەبىم ناھايتىمۇ كۆپ.ئەڭ موھىمى،مەن بۇ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردن بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن شۇنداقلا ئۇلارنىڭ<<ئەرەپ باھارى>>نىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا شاھىت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇ ھەرقايسى ئورگانلارغا ياردەملىشىپ، لىۋىيەنىڭ ئورۇنلىرىدىكى خەلق ئاممىسىغا قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى تارقىتىدىغانلىقى شۇنداقلا ھەرقايسى تەرەپ ئەمەلدارلىرى ھەم ئاددىي پۇقرالىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:بۇ دۆلەت دۈچ كەلگەن سىناق بەكمۇ كۆپ،يەنى مۇساپىرلار،تۈزۈم،قانۇن،ئىجتىمائىي بېخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق، مائارىپ، ساغلاملىق شۇنداقلا باشقا ئىشلار.بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى تەدىرىجى ھەل بولىدۇ،يەنە كېلىپ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ھەل بولىدۇ.ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىگە چوقۇم بىر ئىناق ۋە ئادىل بولغان ئىجتىمائىي موھىت بولغاندىلا بۇ خىزمەتلەرنى نوقسانسىز ئىشلەپ كەتكىلى بولىدۇ. يېقىندا ئەنجىلىنا جۇلى ۋە يولدىشى پېتىر خەيرى-ساخاۋەت ئورگىنى ئارقىلىق 340 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 2 مىليۇن 220 مىڭ يۇەن)ئىئانىنى سۇمالىنىڭ مەلۇم ياردەم بېرىش تارمىقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-10-14 12:25:16 ئۇقۇلۇشى: 1244 قېتىم] |
|