يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىش ياكى قىيا-چىيا دىن زەرەتلىنىدىغان تېلېفون |
newlaunches دىن كەلگەن ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار ئاۋاز شاۋقۇنىنى ئېلېكتر مەنبەسىگە ئايلاندۇرىدىغان تېخنىكىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئاۋاز قانچە يۇقىرى بولسا ھاسىل بولىدىغان ئېلېكتر كۈچىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدىكەن. ئەمدى تېلېفون سۆزلىشىش مەستانىلىرى تېلېفونىنىڭ توكى تۈگەپ قېلىشىدىن غەم قىلمايلا قالماستىن بەلكى قانچە سۆزلەشكەنسېرى تېلېفون باتارېيىسى ئۈزلۈكسىز زەرەتلىنىپ توك قاچىلىنىپ تۇرىدىكەن. ئاۋاز قانچە يۇقىرى بولسا باتارېيەنىڭ زەرەتلىنىشى شۇنچە تىز بولىدىكەن، بۇ تېخنىكا يانفون ساھەسىدىلا ئىشلىتىلىپ قالماستىن بەلكى يەنە باشقا ئېلىپ يۈرۈشكە قۇلايلىق قويغۇچ ساھەلىرىگىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇشى مۇمكىنكەن. كەلگۈسىدە بۇ خىل تېخنىكا باتارېيە زەرەتلەشكە ئىشلىتىلسە چوقۇم كوچىدا ۋارقىراپ جارقىراپ يۈگەنلەرنى ئۇچراتسىڭىز ئۇ كىشى چوقۇم تېلېفونىنى زەرەتلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-8-17 11:25:33 ئۇقۇلۇشى: 438 قېتىم] |
|