ئامېرىكىدا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئاجراشماقچى بولغانلارنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويدى |
خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى: «دەۋىر ھەپتىلىكى» نىڭ 7- ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە ئۇنۋېرسىتېتى«دۆلەت نىكاھ قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بارغان «چوڭ چېكىنىش ۋە نىكاھ» ناملىق تەتقىقات تۈرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئاجراشماقچى بولغان ئەر-ئاياللارنى ۋاقىتلىق ئاجرىشىشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، %40 ئاجرىشىشنى نىيەت قىلغان ئەر-خوتۇن ھازىرچە ئاجرىشىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.%29 ئەرخوتون مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئىقتىسادنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى ئۇلارنىڭ نىكاھقا بولغان مەسئۇلىيە تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان». ۋىرگىنىيە ئۇنۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پروفىسسورى برادفورد. ۋىلكوس مۇنداق دېدى:« نۇرغۇن ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئۇلارغا نىكاھ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈردى. ئىقتىساد قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئەر -خوتۇن، ئانا-بالىلار بىرگە تۇرۇشنى داۋام قىلالايدۇ». تۇغقانلىق مۇناسىۋەت ۋە مەسئۇلىيە تۇيغۇسى ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى بىر ئاساسلىق ئامىل،باشقا ئامىل پۇل بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ.برادفورد كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:«ئىقتىساد چېكىنگەن ۋاقىتتا،كىشىلەر ئاجرىشىشقا قىزىقماي قالىدۇ، چۈنكى ئۇلار تۇرالغۇ ئۆي قىممىتىنىڭ كاساتلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ،ئارتۇقچە ئادۋوكات ھەققى تۆلەش ۋە مۇستەقىل ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار ئامىللارمۇ بار».تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە،تۇرالغۇ ئۆي قىممىتى ۋە ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق ئىكەن. ئەگەر تۇرالغۇ ئۆي باھاسى %10 تۆۋەنلىسە، ئاجرىشىش خەتىرى %21.5 تۆۋەنلەيدىكەن
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-14 20:23:16 ئۇقۇلۇشى: 219 قېتىم] |
|