ئىتالىيەدە يانار تاغ پارتلىدى |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-ئىيۇل تېلگىراممىسى، تەيۋەن «بىرلەشمە ئاخبارات تورى»نىڭ 12-ئىيۇل تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ستسىلىيە ئارىلىدىكى ئېتىنا يانار تېغى شۇجاي ۋاقتى 9-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن پارتلىغان بولۇپ، پارتلاش سەۋەبىدىن كاتانىيەدىكى ئايرودروم قىسقا ۋاقىت تاقىلىپ قالغان.غەلىتە يېرى شۇكى، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئېلىكتىرونلۇق سائەت ۋە كومپىيوتىرنىڭ سائىتى تۇيۇقسىز 15 مىنۇت ئىلگىرى بولۇپ قالغان. نۇرغۇن ئامما نورمال ۋاقىتتىن 15 مىنۇت بالدۇر خىزمەتكە بارغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە،مۇتەخەسىسىلەر بۇ غەلىتە ئىشقا ھازىرچە مۇۋاپىق جاۋاب تاپالمىغان.
ئېگىلىنىشىچە،يانار تاغ پارتلاش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بۇ غەلىتە ئىش ئىلگىرىمۇ بولغان بولۇپ، ئېتىنا يانار تېغى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پارتلىغاندىمۇ،تۇيۇقسىز ئەتراپتىكى ئېلىكتىرونلۇق ئەسۋابلارغا ئۆزلىكىدىن ئوت كەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئېتىنار يانار تېغى بۇيىل ئىچىدە بەش قېتىم پارتلىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى كۈچلۈك پارتلىغان. ئېتىنا يانار تېغى 3295 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ،ياۋروپادىكى ئەڭ ئېگىز يانار تاغنىڭ بىرى ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-13 20:16:16 ئۇقۇلۇشى: 468 قېتىم] |
|