مىكسىكىدا زەھەر ئەتكەسچىلىرى زوراۋانلىق قىلىپ، 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى |
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 13-ئىيول يوللىغان تېلگىراممىسى:
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىكسىكىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرى 12-ئىيۇل خۇارىس شەھىرىدە زوراۋانلىق قىلىپ، ئاز دىگەندىمۇ 18 ئادەم ئۆلدى. ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بىرسى تېخى ئۆسمۈر ئىكەن. مىكسىكا تەپتىش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىر باياناتچىسى زاندۇۋار مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« 12-ئىيۇل خۇارىس شەھىرىدە قانلىق بىر كۈن بولدى. بۇ شەھەردە بۇ يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنىمۇ بىر قېتىم زوراۋانىق ھەركەتلىرى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندىمۇ 20 ئادەم ۋەقەگە ئۇچىرىغان ئىدى». بۇ باياناتچىنىڭ دىيىشىچە، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن 18 نەپەر ئادەمنىڭ 3 نەپىرى دوختۇرخانا ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەن. 12-ئىيۇل چۈشتە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان قۇراللىق ئۇنسۇرلار بۇ ئۈچ نەپەر خىزمەتچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن. كىيىن بۇ قۇراللىق ئۇنسۇرلار ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەيدانغا ئوق چىقىرىپ، تۆت ئادەمنى ئۆلگەن. يەنە تۆت ئادەم ئېغىر يارلانغان. شۇ يەرلىك ئىدارىنىڭ ئېيتىشىچە، 12 ياشلاردىكى بىر بالا بۇ قارا نىيەتلەر تەرىپىدىن بىر تاماقخانىغا ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە بۇ زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنىڭ چېتىشلىقى بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
مەنبە: www.chinanews.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-13 20:08:57 ئۇقۇلۇشى: 320 قېتىم] |
|