شىنخۇا تورىنىڭ 12-ئىيۇل خەۋىرى، مىكسىكا ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە،10-ئىيۇل ۋە 11-ئىيۇل مىكسىدىكى ئىككى قاۋاقخانىدا قوراللىق ئېتىشىش يۈز بېرىپ، 4 ئادەم قازا قىلغان.
شۇ جاي ۋاقتى 10-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، مېكسىكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سىنالوئا ئىشتاتىدىكى داڭلىق ساياھەت شەھىرى ماساتلان شەھىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدا، ئىككى ياش مېكسىكىنىڭ 2011-يىللىك دۆلەتلىك پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ 17 ياشتىن تۆۋەنلەر دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يەڭگەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، بىر قانچە قوراللىقلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.
11-ئىيۇل سەھەردە، مېكسىكىنىڭ شىمالىدىكى چىگۋەگۋا ئىشتاتىدىكى خۇرېز شەھىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدا قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ئىككى ئادەمنىڭ جەسىتىنى بايقىغان، ئۆلگۈچىلەر ئەرلەر ئىكەن.
قىسقىغىنە 4 كۈن ئىچىدە، مېكسىكىدا كەينى-كەينىدىن 4 قېتىملىق قاۋاقخانىدا قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 8-ئىيۇل كەچتە، مېكسىكىنىڭ شىمالىدىكى مونتېررېي شەھىرىدىكى بىر قاۋاقخانىدىمۇ قوراللىق باستۇرۇپ كىرىل ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 20 ئادەم قازا قىلىپ 6 ئادەم ئېغىر يارىلانغان.، شۇ كۈنى چىگۋاگۋا ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قاۋاقخانىدىمۇ مۇلازىمەتچىلەر بىلەن خېرىدارلار ئارىسىدا زىددىيەت شەكىللىنىپ قوراللىق ئېتىشىش يۈز بېرىپ 2 ئادەم قازا قىلغان.
يەرلىك ساقچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل جىنايەت قىلمىشلىرى پەقەت قاۋاقخانىدىكى مۇلازىمەتچىلەرگىلا قارىتىلغان ئەمەسكەن.