كازافى تەخىتتىن چۈشۈشكە تەييارلىنىپ بولدى |
جۇڭگو خەۋەلەر تورىنىڭ 13-ئىيۇل يوللىغان تېلگىراممىسى:
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 12-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە بىلەن لىۋىيە رەھبىرى كازافىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئۇچىراشقاندىن كېيىن، كازافىنىڭ تەخىتتىن چۈشۈكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېيىن. جۇپى فىرانسىيە تېلۋېزىيە ئىستانىسىسى مۇخبىرلىرىغا مۇنداق دېدى:« لىۋىيە ھۆكۈمىتى كازافىغا چىكىنىش يولى تېپىش ئۈچۈن، نيو-يۇرىك، تۈركىيە ۋە پارىژ قاتارلىق جايلارغا ئالاھىدە ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن». جۇپى كازافىنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئۇلارغا كازافىنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. جۇپى تولۇقلاپ مۇنداق دېدى:« ئىككى تەرەپ پەقەتلا ئۇچىراشتى. بىراق رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزمىدى». ئۇ كازافىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ زادى كىملىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىدى. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيە ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيە قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان. گەرچە ش ئا ئە ت لىۋىيىگە بىرقانچە ئايغا سوزۇلغان ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان بولسىمۇ ، لېكىن لىۋىيە يەنىلا كازافىنىڭ قولىدا بولغان. بۇنىڭ بىلەن لىۋىيە ۋەزىيتىىنىڭ تېخىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن. لىۋىيە ئۆكتىچى ئارمىيىسى لىۋىيىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسىملىرىدىكى كىچىك بىر قىسىم رايونلانى ئىگەللىگەن بولسىمۇ، لېكىن جەڭدە ئانچە زور غەلبە قازىنالمىغان. پايتەخىت تىرپولى يەنىلا كازافىنىڭ قولىدا ئىكەن. فىرانسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى پەقەت كازافى تەخىتتىن چۈشسىلا، لىۋىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى. جۇپى يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:« بىرقانچە دۆلەت لىۋىيە كىرزىسىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلسىدە بىرلىككە كېلىپ بولدى. ئۇ بولسىمۇ كازافىنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشى».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-13 10:59:27 ئۇقۇلۇشى: 349 قېتىم] |
|