شىنخۇا تورىنىڭ 12-ئىيۇل خەۋىرى، پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس 12-ئىيۇل ئىسلامئابادنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى راۋەلىپىندى شەھىرىدە پارتىلاپ كېتىپ ئاز دېگەندىمۇ 15 ئادەم قازا قىلغان.
ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاپتوبۇس پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى گۇجرات شەھىرىدىن راۋەلىپىندىغا قاراپ ماڭغان ، ماشىنىدا 30 دىن ئارتۇق يولوچى بار بولۇپ،ئاخىرقى بېكەتكە يېتىپ بارايلا دەپ قالغاندا پارتىلاپ ئوت كېتىپ، نۇرغۇن يولوچى كۆيۈپ يارىلانغان ھەمدە قازا قىلغان. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پارتىلاش يۈز بەرگەن ماشىنا پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نۆۋەتتە ۋەقە يۈز بېرىش سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.