ئوباما مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلدى |
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا پىرزىدېنتتى ئوباما تۈنۈگۈن مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، مۇستەقىل نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەكشۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ھەددىدىن زىيادە نازارەت قىلىش مەزمۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇ ئورگانلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن، 30 نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ يۈز نەچچە ئىسلاھات لايىھەسىگە ئامما باھا بېرىدىكەن. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يۈكىنى يېنىكلەتكەندە، ھەر يىلى بىر قانچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەننەرخىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن. پۇل مۇئامىلە كىرزىسى پارتلىغان ئىككى يېرىم يىلدىن بويان ئوباما ھۆكۈمىتى داۋالاش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر بىر قانچە ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كەسىپ ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار يېڭىدىن قوشۇلغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش لايىھەسى تىجارىتىمىزنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، كارخانىمىزنىڭ ئىش ئورنى يارىتىش ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى دەپ ئاغرىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىدىن قوشۇلغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈرلىرىدە ئاممىۋىي چىقىم كۆپەيتىلگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-13 10:57:43 ئۇقۇلۇشى: 213 قېتىم] |
|