كازافى ئۆزىنىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى |
فىرانسىيە ئاخباراتلىرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيىنىڭ زۇڭلىسى باھادى. مەھمۇد 12-ئىيۇل فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، كازافىنىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ھەرقانداق سۆھبەت ئۇرۇش توختىتىشنى ئالدنقى شەرىت قىلىشى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەھمۇد مۇنداق دېدى:« بىزنىڭ رەھبىرىمىز بۇ سۆھبەتلەرگە قاتناشمايدۇ». بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لوگېيىس كازافىنىڭ داۋاملىق تىرپولىدا تۇرۇسا بولىدىغانلىقى، بىراق ئۇ چوقۇم سۆھبەت ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات ھازىرلىشى كېرەكلىكى تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. گەرچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لىۋىيىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ، كازافى تەخىتتىن چۈشمىسە، سۆھبەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن فىرانسىيە يەنىلا ئازىراق يۇچۇق قالدۇرۇپ، كازافىنى ھۆكۈمەت ئىچىدە ئىشخانا ئالماشتۇرۇپ، باشقىچە ۋەزىپە بىلەن يەنە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدىغانلىقىنى ئاستىرىتتىن ئىپادىلەپ قويدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-13 10:55:46 ئۇقۇلۇشى: 177 قېتىم] |
|