كورىيەدە ياغقان قارا يامغۇر 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى، كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى، مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ كورىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى رايونلاردا قارا يامغۇر ئاپىتى يۈز بېرىپ، 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۆۋەتتە، 249 ئادەم ئۆي-جايسىز قالغان. كورىيە تەبىئىي ئاپەت خەۋپسىزلىكىگە تاقابىل تۇرۇش مەركىزى باشقارمىسى بۈگۈن مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان:«بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 غىچە، قارا يامغۇردا 10 ئادەم قازا قىلدى، ئۈچ ئادەم يوقاپ كەتتى». مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى پۈتۈن لوبىيداۋ ۋە جوڭ چىڭ نەن داۋ قاتارلىق رايونلاردا تاغ گەۋدىسىنىڭ سىيرىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھازىرغىچە پۈتۈن لۇ نەنداۋ، چىڭ شاڭ نەنداۋ، چىڭ شاڭ بىيداۋ، جوڭ چىڭ نەنداۋ قاتارلىق جايلاردا جەمئىي 111 ئائىلىدىكى 249 نەپەر ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان. 122 ئۆي سۇ ئاستىدا قالغان. 13 قورۇ پۈتۈنلەي تۈگەشكەن ياكى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 22 مىڭ 721 گېكتار ئېتىزلىق ۋە 56.9 گېكتار سۇلياۋ لاپىسى پۈتۈنلەي قارا يامغۇر ئاستىدا قالغان. 36 ئاممىۋى قاتناش يولىنىڭ تۇپرىقى ئېقىتىپ كېتىلگەن، 29 ئورۇن نۆۋەتتە جىددىي رېمونت قىلىنىپ بولغان، يەنە ئالتە ئورۇن جىددىي رېمونت قىلىنىۋېتىپتۇ. كورىيە تەبىئىي ئاپەت خەۋپسىزلىكىگە تاقابىل تۇرۇش مەركىزى باشقارمىسى خادىملىرى مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان:«يامغۇرنىڭ كېچىدە يىغىپ قېلىش ئېھتىمالى بار، ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى ۋە ئاستىدا قىلىشى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن مۇداپىئەنى كۈچەيتىش، ۋەقە يۈز بەرگەن جايلاردا ئادەملەرنى تارقىتىۋېتىش، ئامال بار زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-11 17:53:32 ئۇقۇلۇشى: 324 قېتىم] |
|