ئاففانىستاننىڭ غەربىدىكى فاراخ ئۆلكىسى ساقچى تەرەپنىڭ 10-ئىيۇلدىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنلەردە تۇتقىن قىلىنغان 7 نەپەر مىنا تازىلاش خادىملىرىنىڭ كاللىسى كېسىۋېتىلگەم.
مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى، « ئاففانىستان مىنا تازىلاش ئىدارىسى»نىڭ 28 نەپەر خىزمەتچى خادىمى فاراخ ئۆلكىسىدىكى تالىبان قوراللىق ئونسۇرلىرىنىڭ پائالىيىتى ئەۋج ئالغان رايوندا تۇتقىن قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغان ئىكەن.
ئاففانىستان مىنا تازىلاش ئىدارىسى خەيرىيەر ئورگىنى بولۇپ، ئاففانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار ئۆلكىسىگە جايلاشقان.
فاراخ ئۆلكىسى ساقچى ئىدارسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھەممەد، جاۋۇسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 7 نەپەر مىنا تازىلاش خادىمىنىڭ كاللىسى كېسىۋېتىلگەن بولۇپ، ساقچى تەرەپ بىر نەپەر ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىققان، قالغانلارنىڭ جەسىتى قوۋم ئاقساقاللىرى تېپىشقا مەسئۇل بولغان.
2001-يىلى ئاففانىستان ئۇزۇرى پارتىلىغاندىن بۇيان، جىنايەت تەشكىلاتلىرى ئاففانىستانلىق ۋە چەتئەللىكلەرنى تۇتقىن قىلىشقا باشلىغان.
ئۆتكەن يىلى 12 -ئايدا « مىنا تەكشۈرۈش مەركىزى» ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان 18 نەپەر ئاففانىستانلىق خوست ئۆلكىسىدە تۇتقىن قىلىنغان.