ئادەم تېرىسى نىقابىنى سېتىۋالغۇچىلار ھەقىقىي ئىسمىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك |
چاڭشادا ئادەم تېرىسى نىقابى بايقالدى، سىناق قىلغۇچى، چاڭشا شەھىرىدىكى ليۇ ئەپەندى نىقابنى تاقاپ ئىشىكتىن چىقىپ، سىناق قىلىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ھاممىسىنى قورقۇتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، يېقىندا، كۆپلىگەن تورداشلار تور ئارقىلىق، بۇ خىل ئادەمنىڭ تېرىسىگە تەقلىد قىلىنغان ئادەم تېرىسى نىقابىنى سېتىۋالغان. بەزىلەرنىڭ باھا بېرىشىچە، بۇ خىل نىقاب ئادەمنىڭ تېرىسىگە ئوخشاش بولۇپ، ئاياللار ئەرگە، ئادەتتىكى ئادەملەر «چولپان» غا ئايلىنالايدىكەن.
بۇ خىل مەھسۇلاتقا نىسبەتەن، چىنشىيەن بىرلەشمە ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نۆۋەتچى ئادۋوكاتىنى بىلدۈرۈشىچە، گەرچە راست تېرىگە تەقىلىد قىلىنغان نىقاب قانۇنسىز چەكلەنگەن مەھسۇلاتلار قاتارىغا كىرمىسىمۇ، بىراق چوقۇم نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودىگەرلەرنىڭ «چولپان يۈز» نىقابىنى ئەتكەس قىلىپ سېتىشنى توسۇپ، كىشىلەرنىڭ سۈرەت ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن. سودىگەرلەرنىڭ تەقلىدى نىقابنى سېتىشى قانۇندا چەكلەنمىگەن ئىكەن. تۈنۈگۈن، مۇخبىر ئاساسلىق جەمئىيەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىدىغان ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى فاڭ شياڭشىن بىلەن ئالاقىلاشىتى، فاڭ شياڭشىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل مەھسۇلات بەلكىم شەھەر خەلقىگە خەتەرلىك تۇيغۇ بېرىشى مۇمكىن بولۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا تېخىمۇ ئۇرۇنشى مۇمكىن ئىكەن، شۇڭا بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلار، چوقۇم ئەنگە ئالدۇرۇشى، سودىگەر ۋە سېتىۋالغۇچىلار چوقۇم ھەقىقىي ئىسمىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇ خىل مەھسۇلاتقا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-11 17:38:34 ئۇقۇلۇشى: 406 قېتىم] |
|