كازافى: لىۋىيە ئىنقىلابى كازافى دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن توختاپ قالمايدۇ |
لىۋىيە رەھبىرى كازافى
شىنخۇا تورىنىڭ 8-ئىيۇل خەۋىرى، لىۋىيە رەھبىرى كازافى 8-ئىيۇلدىكى باياناتىدا:« لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ، كازافى دەۋرى ئاخىرلاشسىمۇ، ئىنقىلاب ئاخىرلاشمايدۇ» دېگەن. كازافى شۇ كۈنى پايتەخت ترىپولىدىكى يېشىل مەيداندا جۈمە كۈنىدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان 1 مىليون خەلق ئاممىسىغا نۇتۇق سۆزى قىلغان. ئۇ :« لىۋىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ھېچقانداق پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە ياكى مەلۇم شەخسكە ئەمەس بەلكى خەلققە مەنسۇپ، كازافى دەۋرى ئاخىرلاشسىمۇ، لىۋىيەدىكى ئىنقىلاب توختاپ قالمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. كازافى يەنە:« ش ئا ئە ت مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بۆسۈپ كىرىشتىكى مەقسىتى لىۋىيەدىكى نېفىت بايلىقىنى بۇلاش، لىۋىيە خەلقى ھەرگىزمۇ تەسلىم بولمايدۇ، لىۋىيە خەلقى ياكى ئەركىن ياشايدۇ، ياكى مۇشۇ زىمىندا قۇربانلىق كۆرسىتىدۇ، ش ئا ئە ت نىڭ بۆسۈپ كىرىشى لىۋىيەدىكى ئۇرۇش ئوتىنى ياۋرۇپانىڭ ئىچكى قىسمىغا يولغا سېلىۋاتىدۇ، ئۇزۇق ئۆتمەي، لىۋىيە خەلقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئۇۋىسىغا قايتۇرۇۋېتىدۇ»دېگەن. شۇ كۈنى، لىۋىيەدىكى توپىلاڭچى قوشۇن داۋاملىق پايتەخت ترىپولىغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن كەسكىن جەڭ ئېلىپ بارغان. پايتەخت ترىپولىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقىتىكى زلىتان شەھىرىدە ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېتىشىپ 7 ئادەم قازا قىلپ، 19 ئادەم يارىلانغان. توپىلاڭچى قوشۇن باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، يەنە 500 نەپەر پىدائىي قوشۇن مىستۇراغا كىرىپ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئېتىشىشقا تەييارلىق كۆرۈۋېتىپتۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-9 19:50:22 ئۇقۇلۇشى: 347 قېتىم] |
|