مايكول جىكسوننىڭ رىۋايەتلەردىكى سىرلىق خەزىنىسى بايقالدى |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرى، بۇندىن بۇرۇن مايكول جىكسوننىڭ سىرلىق خەزىنىلىرى توغرىسىدا مىش-مىش گەپ تارقىلىپ يۈرگەنىدى. ئەمما يېقىنقى كۈنلەردە بۇنىڭ مىش-مىش گەپ ئەمەس بەلكى ئەمەلىيەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. «Radar» ۋە «Star» ژۇرناللىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ئورنى كالىفۇرنىيەنىڭ سانتا مونىكا ئايرودرومىدىكى ئادەمنىڭ تازا ئېتىبارىغىمۇ ئېلىنمايدىغان ئايروپىلان توختىشىش مەيدانىغا ئۇ ئىلگىرى ھايات ۋاقتىدا يېغىپ ساقلىغان 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقە يوشۇرۇپ قويۇلغانىكەن. بۇ بىر قىسىم ئاسارئەتىقىنى مايكول جىكسۇننىڭ دوستى، ئاۋسترالىيىلىك رەسسام برېت چانگې سېتىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ سىرلىق خەزىنە ئاندىن بايقالغان. ئەمما بۇ مايكول جىكسوننىڭ دوستىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئاسارى ئەتىقىنى جىكسون ئۇنىڭغا بېرىۋەتكەن ئىكەن. شۇڭلاشقا ئۇ بۇ 38 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باھا بىلەن سېتىۋەتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-9 19:49:23 ئۇقۇلۇشى: 549 قېتىم] |
|