ئامېرىكىدىكى %66 قورامىغا يەتمىگەنلەر توي قىلغان ئاتا-ئانىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نىيو يورك 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:«2010-يىلى توي قىلغان ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان قورامىغا يەتمىگەنلەر %66 نى ئىگىلەيدۇ. توي قىلماي تۇغۇلغان، بۇرۇن تۇغۇلغان، ھەمدە قورامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن تۇرۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار ھەتتا قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوقلار بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلار ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پسىخىكىسى ۋە فىزىئولوگىيەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى». مەزكۇر تەكشۈرۈش ئاخباراتىنىڭ نامى «ئامېرىكىدىكى قورامىغا يەتمىگەنلەر: 2011-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھالقىلىق بەخت كۆرسەتكۈچى» بولۇپ، بۇلار ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئائىلە ستاتىستىكا ئورگان مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر مۇنازىرە مۇنبىرى ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئائىلە مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان 22 دانە ئورۇنلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇلار تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئامېرىكىدىكى قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قىلىنىدىغان مۇلازىمەتنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت». مۇتەخەسسىسلەر پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 17 ياشتىن تۆۋەن قورامىغا يەتمىگەنلەرنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، ئىقتىسادى، داۋالىنىش ئەھۋالى، بىخەتەرلىكى، تۈرلۈك ھەرىكىتى، تەربىيىلىنىشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى پەقەت %66 قورامىغا يەتمىگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ توي قىلغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان. ئەمما بۇ خىل سانلىق مەلۇمات 2009-يىلى %77 ئىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى %3 ئامېرىكىلىق قورامىغا يەتمىگەنلەر توي قىلمىغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرغان. %23 ئامېرىكىلىق قورامىغا يەتمىگەنلەر جورىسىز ئائىلىدە ياشاپ كەلگەن. 3 مىليوندىن ئارتۇق قورامىغا يەتمىگەنلەر ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرمەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى %45 تى بوۋا-مومىلىرى بىلەن، %21 تى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن، %24 تى قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق كىشىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقانىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-9 19:45:04 ئۇقۇلۇشى: 402 قېتىم] |
|