ش ئا ئە ت نەچچە يۈزلىگەن ئافغانىستانلىقنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى |
خەلق تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگلىيە دۆلەتلىك رادىئو شىركىتى (BBC) نىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئامما ش ئە ئا تى (شىمالى ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ توپىلاڭچى بىلەن بولغان كۈرىشىدە 13 نەپەر ئافغانىستانلىق ئاددىي پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۆلگەنلەر ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بار ئىكەن. بىرلەشمە ئارمىيە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«سەيشەنبە كۈنى كەچتە شىمالى ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاننىڭ ھۇسىت ئۆلكىسىدىكى توپىلاڭچىلار بىلەن بولغان كۈرىشىدە ئويلىمىغان يەردىن ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىقتى. شىمالى ئەھدى تەشكىلاتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان ئافغانىستان ئەسكەرلىرى ۋە شىمالى ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى مەزكۇر رايوندا ‹خاقان تورى» دىكى توپىلاڭچىلارنى ئىزدەۋاتاتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن گۇگۇم چۈشۈپ بولغان بولۇپ، توپىلاڭچىلار دەرەخلەرگە چىقىۋالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ھاۋا ھۇجۇمى باشلانغاندىن كېيىن، تۆت نەپەر توپىلاڭچى ئۆلتۈرۈلدى. تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، سەككىز نەپەر بالا ۋە ئۈچ نەپەر ئايالنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولدى». شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى ئەر بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز ھۇجۇمدا قازا قىلغانىكەن. بىرلەشمە ئارمىيە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بىز ئەينى ۋاقىتتا ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا ئىكەنلىكىنى ئويلىماي قاپتۇق، بىزنىڭچە، بۇلار ئاشۇ توپىلاڭچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولۇشى مۇمكىن». مۇشۇ ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى، نەچچە يۈزلىگەن ئافغانىستانلىق ئامما يىغىلىپ، شىمالى ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى خاتا ھالدا ئاددىي پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشىدەك جىنايى قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغان بىگۇناھ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئافغانىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 2-ئايلاردا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن:«ئامېرىكا ئارمىيىسى بىرلەشمە ئارمىيىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان 10 يىلدىن بىرى، 2010-يىل ئافغانىستان ئاددىي پۇقرالىرى ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر يىل بولدى. تەخمىنەن 2421 ئادەم ئۆلۈپ كەتتى». ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزايى شىمالى ئەھدى تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستان ئاددىي پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، بۇ ئىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە كەچقۇرۇنلۇق ھەرىكەتنى قەتئىي توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-9 10:59:28 ئۇقۇلۇشى: 785 قېتىم] |
|