خايكېرلار ئوبامانى « ياخشى » كۆرۈپ قاپتۇ |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى، يېقىندىن بۇيان، خايكېرلار ئوباماغا كۆز تىكىدىغان بولۇپ قالدى. خايكېرلار مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا فوكس ئاخبارات تورى مىكرو بلوگنىڭ ھېسابات نومۇرىنى قولغا چۈشۈرۈۋېلىپ «ئوباما قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن مەزمۇندا يالغان ئۇچۇر تارقاتقاندىن كېيىن، ئەتىسىلا يەنى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوبامانىڭ سايلام تور بېكىتى خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. «ۋاشىنگتون تەكشۈرگۈچى گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:«ئامېرىكا زۇڭتۇڭى براك ئوبامانىڭ سايلام تور بېكىتى www.barackobama.com بولۇپ، شۇ كۈنى خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، باش بەتتىكى مەزمۇنلار ئۆزگەرتىۋېتىلگەن». ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، سايلام تور بېكىتىنىڭ ئوبامانىڭ قوللىغۇچىلىرى «ھۆكۈمەت قائىدىسى» ناملىق ساختا ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ باش بەتتە«پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى - كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئوباما، پائالىيەت شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ». ئۇنىڭدىن باشقا، خايكېرلار باش بەتتە 430 خەتلىك بىر قىسقا ماقالە قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 21 دانە ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىنكاسلار چۈشكەن. ئەمما ئۇنىڭدا ئوبامانىڭ، ياكى باشقا سىياسىيون ۋە مەلۇم سىياسىي پارتىيىنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ، زەربە بېرىدىغان ئەھۋاللار يوق ئىكەن. بۇ قىسقا ماقالىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكى ئىبارىلەر بىلەن مەسخىرە قىلىنغان:«1. سىياسەتۋاز ۋە مەمۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تارقىتىۋېتىش؛ 2. سىياسەتۋازلار سىزنىڭ رايىڭىزغا باقىدۇ ھەمدە سىز نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، شۇنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىدۇ ھەمدە سايلام بېلىتىنى ئالماشتۇرۇش بېرىدۇ؛ 3. خەلق ھۆكۈمەتنىڭ سايلام بېلىتى سېتىشىغا موھتاج». ئەمما ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتى تور بېكى جەھەتتە «تور بېكىتىنىڭ خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى» جەھەتتە ئۇنىڭ كۆز قارىشى ئوخشىمايدىكەن. ئوبامانىڭ 2012-يىللىق سايلام مەسلىھەتچىسى لابورېت مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن «ۋاشىنگتون تەكشۈرگۈچى گېزىتى» غا ئەۋەتكەن بىر ئې-خەتكە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشتە مۇنداق دېيىلگەن:«تور بېكەتتە ئېلان قىلىنغان پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ ھەممىسىنى ئابونت چىقارغان. تور بېكەتنىڭ بارلىق بىخەتەرلىكى ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغان. تور بېكەتمۇ خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان. نۆۋەتتە، بۇ بىر قىسىم مەزمۇنلار ئۆچۈرۈپ تاشلاندى».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-9 10:50:26 ئۇقۇلۇشى: 288 قېتىم] |
|