ئىراق يەتتە نەپەر «بازا» تەشكىلاتى ئەزاسىنى قولغا ئالدى |
خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىكى بىر نەپەر خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ خادىمى مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان:«ھۆكۈمەت يەتتە نەپەر بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى-جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى. ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلار يەنە بىر يەتتە ياشلىق قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەن. باغدات خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ باياناتچىسى قاسىم ئاتتا مۇنداق دېگەن:«بۇ يەتتە جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنىڭ بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە باغداتنىڭ يارمۇق رايونىدا بىر يەتتە ياشلىق كىچىك قىزنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ قىزنىڭ دادىسى قىزى ئۈچۈن پۇل تۆلەپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى رەت قىلغان». ئەمما بۇ باياناتچى ئۇلارنىڭ بۇ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا ئائىت ھېچنېمىنى تىلغا ئالمىغان. يەتتە نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئىچىدىكى ئىككىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، ئۇلار ئاۋازسىز قورال ئارقىلىق نەچچە 10 ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنىكەن. بازا تەشكىلاتى بۇندىن بۇرۇن مۇنۇلارنى ئېلان قىلغانىدى:«ئۇلار ئۆتكەن 2 ئايدا ئىراقتا يۈز بەرگەن 60 قېتىمدىن كۆپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-9 10:46:52 ئۇقۇلۇشى: 374 قېتىم] |
|