كانادا 7-ئايدىن باشلاپ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ھەركىتىنى رەسمىي توخىتىشنى قارار قىلغان ھەمدە 3000 نەپەر ئەسكەر پات يېقىندا ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈلۈپ چىقىدىكەن.
كانادا 2002-يىلى تۇنجى قېتىم ئافغانىستانغا ئەسكەر ئەۋەتكەن. 9 يىل ئىچىدە 157 نەپەر ئەسكەر قازا قىلغان، ھەربىي چىقىم110 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.
7-ئىيۇل، كانادا قىسمى مۇراسىم ئويۇشتۇرۇپ ،ئۇرۇش ھەركىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىسىم5-ئىيۇل بايراق چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى بىر رايوننىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئامېرىكا قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
زۇڭلى سىتىفىن2008-يىلى تۇنجى قېتىم ۋەدە بېرىپ، ئافغانىستاندىكى كانادا ئەسكەرلىرىنى بۇيىل چېكندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كانادانىڭ ئافغانىستاندا قېپقالغان950 نەپەر ئەسكىرى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستاننى داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ھازىردىن باشلاپ2014-يىلغىچە كانادا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشى ئۈچۈن ھەريىلى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىكەن.