پاكىستان يادرو ئوق بېشى سانىنى شىددەت بىلەن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ |
خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈندىكى خەۋىرى، «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى نەپەر ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«پاكىستان بولسا دۇنيادىكى يادرو ئوق بېشى ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتقان دۆلەت، 10 يىل ئىچىدە پاكىستاندىن كى يادرو ئوق بېشىنىڭ ئومۇمىي سانى 150-200 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن». ئامېرىكىنىڭ يادرو مۇتەخەسسىسى روبېرت نوررىس بىلەن ھانېس مكرىستېنېس «ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئالىملىرى ئاخباراتى» (Bulletin of Atomic Scientists) نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:«پاكىستان نۆۋەتتە ئىككى پلۇتونىي رېئاكتورى ۋە بىر كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى ياساۋاتىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يادرو قوراللىرى يېقىلغۇلىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ». ئىككى نەپەر ئامېرىكا مۇتەخەسسىسنىڭ «2011-يىلىدىكى پاكىستان يادرو قورال كۈچى» ناملىق دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:«پەرىزىمىزچە، ئەگەر پاكىستان داۋاملىق تۈردە مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرىدىغان بولسا، 10 يىل مەزكۇر دۆلەتنىڭ يادرو ئوق بېشىنىڭ سانى 150-200 ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن. گەرچە پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئانچە مۇقىم بولمىغان تەقدىردىمۇ ئەمما مەزكۇر دۆلەتنىڭ يادرو قورال كۈچى يەنىلا سىجىل ھالدا ئېشىپ بارىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پاكىستان يادرو قورال ئامبىرىنى كەڭ تېز كېڭەيتىۋاتقان دۆلەت. قىياسىمىزچە، نۆۋەتتە پاكىستان 90-110 غىچە يادرو ئوق بېشىغا ئىگە، 2009-يىلى مەزكۇر دۆلەتتە 70-90 غىچە يادرو ئوق بېشى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر دوكلاتتا پاكىستان نۆۋەتتە تەتقىق قىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى يادرو بومبىسى تارقىتىش سىستېمىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ بىر خىل يىڭى تىپتىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد، ئىككى خىل يېڭى تىپتىكى قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد ھەمدە ئىككى تۈرلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى چارلايدىغان تارقىتىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-8 14:06:11 ئۇقۇلۇشى: 296 قېتىم] |
|