بىر ئەر يەسلىدىكى 30 ئوقۇغۇچى ۋە 4 ئوقۇتقۇچىغا تەھدىت سالدى |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى، مالايسىيە ساقچى دائىرىلىرى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى:«بىر ئەر بىلەن تەخمىنەن 7 سائەت تىركەشكەن يەسلىدىكى تەخمىنەن 30 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە 4 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئامان - ئېسەن قالدى. ئۇ ئەر يەسلىدىكىلەرگە تەھدىت سالغانىدى». بۇ ۋەقە جوھۇر شتاتى رايونىدا يۈز بەرگەن. مالايسىيەنىڭ «يۇلتۇز گېزىتى» نىڭ تور نۇسخىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ جايغا كۆزدىن ياش ئاققۇزىدىغان گاز قويۇپ بەرگەن. ئۇ ئەر يارىلانغان. شۇ جايدىكى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن:«بۇ ئەر ئاللىبۇرۇن شۇ جايدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى». ساقچى ئەمەلدارى مۇھەممەد ناسىر لامۇلنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن ئەر بۈگۈن شەھەردىلا يەسلىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تەخمىنەن 30 نەپەر كىچىك بالىغا تەھدىت سالغان. بۇ يىل 34 ياش كىرگەن چېن پرۇدھو شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن:«بىز بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا (بېيجىڭ ۋاقتى) جاۋابكارنىڭ بۇ ئىشىدىن خەۋەر تاپتۇق. بۇ ۋاقىتتا 5 ياشلىق بىر بالا تەھدىتكە ئۇچرىغانىكەن. مەن ئۇ بالىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ قالدىم. چۈنكى بۇ ئەرنىڭ قولىدا بىر ئورغاقسىمان قىڭغىراق ۋە بىر دانە ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بارلىق قوراللىق ساقچىلار يەسلىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك بىناسىنى قورشاپ، بۇ ئەرنى تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلغان». بۇ ئەرنىڭ تۇتقۇنلارنى بۇلاش مۇددىئاسى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. «يۇلتۇز گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئەر سۆھبەتلەشكۈچى خادىملارغا مۇنداق دېگەن:«ماڭا قورال بېرىلسىمۇ، تۇتقۇنلارنى ئۆلتۈرمەيمەن».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-8 13:05:05 ئۇقۇلۇشى: 206 قېتىم] |
|