ش ئا ئە ت نىڭ يۈك توشۇش ئايروپىلانى ئاففانىستاندا چۈشۈپ كەتتى |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كابۇل 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، ئافغانىستان پايتەختى كابۇل خەلقئارالىق ئايرودرومىنىڭ مەسئۇلى بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى:«شىمالى ئەھدى تەشكىلاتى (ش ئا ئە ت) نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسمىنىڭ ئىجارىگە ئالغان يۈك توشۇش ئايروپىلانى بۈگۈن ئەتىگەن شەرق قىسىمدىكى پەرۋېن ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندا 5-8 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس». ئايرودروم مەسئۇلى مۇھەممەد ياقۇپ راسۇلىن مۇخبىرغا يەنە مۇنداق دېدى:«مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى تەڭ كېچىدىن 6-كۈنى شەھەرگىچە بولغان ۋاقىتتا شىمالى ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىجارىگە ئالغان بىر يۈك ئايروپىلانى پەرۋېن ئۆلكىسىدە پاچاقلىنىپ چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت ھېچقانداق مەلۇمات يوق». ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چاشىر ئەجىمى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«نۆۋەتتە ئافغانىستان تەرەپ ئايروپىلاننىڭ پاچاقلىنىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى. شىمالى ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى مەزكۇر ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى جىددىي تەكشۈرۈۋاتىدۇ».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-6 20:42:55 ئۇقۇلۇشى: 309 قېتىم] |
|