كايىن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشالمايدىغاندەك تۇرىدۇ |
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيو تورىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا،فىرانسىيە سوتسىيالىستىك پارتىيەسى 4-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سابىق لېدىرى كايىننىڭ باسقۇنچىلىق دىلوسى توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرە بىر ئاز پەسەيدى ،ئۇنىڭ 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس، دېگەن. فىرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ھامون مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ: كايىن ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلدىغان پارتىيە ئىچىدىكى دەسلەپكى سايلامغا 13-ئىيۇلغىچە تىزىملاتماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭغا دېمىنى ئېلىۋېلىش پۇرسىتى بېرىشىمىز كېرەك، دېگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئەمدىلا قۇتۇلغان كايىن فىرانسىيە ئەدلىيە دائىرىلىرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشى مۇمكىنىكەن. مۇخبىر ھەم يازغۇچى بانون تۈنۈگۈن كايىن ئۈستىدىن ئەمەلگە ئاشمىغان باسقۇنچىلىق جىنايىتى بويىچە ئەرز سۇنغان ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2003-يىلى كايىننى تۇرالغۇسىدا زىيارەت قىلىۋاتقاندا، كايىن ئۇنىڭغا بەتقىلىق قىلغان ئىكەن. بىراق كايىننىڭ ئادۋوكاتى: بۇ ئايالنىڭ گېپى سېپى ئۆزىدىن ئويدۇرما، كايىن ئۇنىڭ تۆھمەت قىلغانلىقى توغرىسىدا سوتقا ئەرز سۇنماقچى بولىۋاتىدۇ، دېگەن.
ـــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-6 20:42:14 ئۇقۇلۇشى: 163 قېتىم] |
|