شىنخۇا تورىنىڭ 6-ئىيۇل خەۋىرى، ئاففانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ئىيۇلدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاففانىستان بىخەتەرلىك ئەترىتى ئالدىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە تالىبانلار بىلەن ئالاقىدار بولغان 276 نەپەر توپىلاڭچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
ئاففانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكىنڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئاففانىستان ئارمىيىسىدىن 59 نەپەر ئەسكەر قازا قىىلپ، 108 ئادەم يارىلانغان. 276 نەپەر توپىلاڭچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن باشقا يەنە 240 قا يېقىن ئادەمنى ئەسىرگە ئېلىۋالغان.
ئامېرىكا ئاففانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئاففانىستان بىخەتەرلىك ئەترىتى تېخىمۇ ئىلگىلىگەن ئاساستا پۈتكۈل دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قولغا ئالغان، لېكىن نۆۋەتتە يەنە 150 مىڭ باشقا دۆلەت ئەسكىرى ئاففانىستاندا تۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 90 مىڭ 900 نەپىرى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىكەن.