پاكىستاندىكى قانلىق توقۇنۇشتا 20 ئادەم قازا قىلدى |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرى، پاكىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پورت شەھىرى كاراچىنىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈن مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى:«بۈگۈن ئەتىگەنگىچە، كاراچىدا ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بىرنىڭ كەينىدىن بىرى يۈز بېرىپ، جەمئىي 20 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۈگۈن ئەتىگەن، پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى كاراچى شەھىرىدە توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوبۇستىن 5 ئادەمنىڭ جەسىتىنى بايقىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىكەن. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، بەختسىزلىككە ئۇچرىغان بۇ بەش نەپەر كىشى مۇشۇ ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، بۈگۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنىكەن. نۆۋەتتە، ساقچى دائىرىلىرى جەسەتلەرنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، كاراچىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى نۇرغۇن قېتىم زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، 15 ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن. 29 ئادەم يارىلانغان. نۇرغۇنلىغان ماشىنىلار ۋەيران بولغان. پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بۇندىن بۇرۇن بىر مىللىي پارتىيە رەھبىرىنىڭ كاراچىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىشى بۇ بىر قاتار زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن». كاراچى پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغاندىن باشقا، ئۇ پاكىستاننىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى. ئۇنىڭ نوپۇسى 14 مىليوندىن كۆپ بولۇپ، پۇشتۇلۇقلار، پەنجابلىقلار ۋە سىندىلىقلار قاتارلىق ئوخشىمىغان مىللەت كىشىلىرىدىن تەشكىل تاپقانىكەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھىندىستان كۆچمەنلىرى ئىكەن. بۇ يىلدىن بىرى، مەزكۇر شەھەردە مىللەت، ئىرق ۋە سىياسىي پارتىيىلەر ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش ئۈزۈلۈپ باقمىدى. 1000 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قانلىق توقۇنۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-6 20:38:15 ئۇقۇلۇشى: 469 قېتىم] |
|