جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ 4-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، ئىران بىلەن ئەزەربەيجان چېگراسىدا يېقىندا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەن ئەزەربەيجانلىق ئەسكەر ئېتىپ تاشلانغان. ئىران ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىسى 4-ئىيۇل كەچتە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن كابىنېت مىنىستىرى ئەلى ئابدۇللانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەزەربەيجانلىق ئەسكەر ئىران چېگراسىغا قانۇنسىز كىرىپ ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىغانلىقتىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا «چەكلىك توقۇنۇش» بولدى، نەتىجىدە بۇ پاجىئە كېلىپ چىقتى، دېدى. خەۋەردە توقۇنۇش يۈز بەرگەن كونكرېت ۋاقىت ھەققىدە ئىزاھات بېرىلمىدى، پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە يولى بىلەن بۇ ۋەقەنى بىرتەرەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
ئىران بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرسىدىكى قۇرۇقلۇق ۋە سۇ چېگراسى تەخمىنەن 760 كىلومېتىر بولۇپ، ئىككى تەرەپ چېگراسىدە سۈركۈلۈش ناھايىتى ئاز بولاتتى.