100 يۈەن ئۈچۈن خىزمەتدىشىنى چېپىۋەتكەن قاتىل قولغا چۈشتى |
مەنبە: news.ifeng.com
2011-07-05 10:15
سۇمۇرغ تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئۇ ئىشدىشىدىن 100 يۈەن بېرىپ تۇرۇشنى ئۆتۈندى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەلىپى ئىشدىشى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئۇ ئاچچىقىغا چىدىماي چەيدو ۋە بازغان بىلەن ئىشدىشىنى چانىدى، يانجىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بېشىنى سۇغا تىقىپ، تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ۋەھشىي قاتىل ئادەم ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تورغا چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ياتاققا قايتىپ، ئىشىكنى چىڭ تاقىۋەتكەندىن كېيىن، قېچىپ كەتكەن. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، جىنايەت گۇماندارى يۈەن XX خەينەنلىك بولۇپ، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا، پۇل تېپىش ئۈچۈن كۈنلۈك ئىشلەشكە باشلىغان. ئۇ ئۆلتۈرۈۋەتكەن لەي XX بولسا ، ئۇنىڭ بىر ياتاقتا ياتىدىغان ئىشدىشى بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە ئىشلارنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، بىرلىكتە تورخانىلارغا بېرىپ، تورغا چىقاتتى. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، بۇ ئىككىيلەن بىرلىكتە تورغا چىقىدۇ. ئۇلار ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا ياتاققا قايتىدۇ. بۇ ئارىلىقتا يۈەن XX لەي XX دىن 100 يۈەن قەرز بېرىپ تۇرۇشنى ئۆتۈنىدۇ. ئەمما لەي XX ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن تاكاللىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈەن XX لەي XX نىڭ بېشىنى تامغا قاتتىق ئۈستۈرىدۇ. لەي XX ھوشىدىن كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن ۋەھشىيلىكى تۇتۇپ كەتكەن يۈەن XX بازغان ۋە چەيدولارنى تېپىپ كېلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ باش قىسمىنى چەيدو بىلەن چېپىۋەتكەندىن كېيىن، بازغان بىلەن يانجىيدۇ. ئاخىرىدا ئۇنىڭ بېشىنى سۇغا تىقىدۇ. ئۇنىڭ نەپىسى توختىغا ۋاقىتتا، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىنى سۇدىن چىقىرىدۇ. ئەسەبىيلەشكەن قانخور جىنايەتچى يۈەن XX 5-ئاينىڭ 26-كۈنى دوڭۋەندە قولغا چۈشكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-6 20:34:24 ئۇقۇلۇشى: 212 قېتىم] |
|