ئامېرىكىنىڭ«نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»دە دېيىلىشىچە،بىرازىلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى فرانكو7-ئاينىڭ2-كۈنى يۈرەك كېسلى تۇيۇقسىز قوزغۇلۇپ81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.فرانكو ئالدىنقى ئەسىرنىڭ90-يىللىرى بىرازىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەمدە بىرازىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك پۇل پاخاللىشىشقا قارشى تۇرۇش پىلانىنى يۈرگۈزۈپ،بىرازىلىيە ئىقتىسادىنى سىلجىتقان.
ئالبىرت.ئېينىشتىيىن دوختۇرخانىسىنىڭ دېيىشىچە،فرانكونىڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغۇلۇپ قازا قىلغان.بۇ يىل5-ئايدىن باشلاپ فرانكو ئاق قان كېسىلى ۋە ئۆپكە ياللۇغى كېسىلى بىلەن ئىزچىل مۇشۇ دوختۇرخانىدا ياتقان.
فرانكو 1930-يىلى6-ئاينىڭ28-كۈنى بىر كېمىدە تۇغۇلغان بولۇپ،بالىلىق چاغلىرىنى مىناس گېرايىس شىتاتىدا ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ يەردە سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان.ئىككى قېتىم شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان،كۆپ قېتىم پارلامىنت ئەزاسى بولغان.1999-يىلى ئۇ مىناس گېرايىس شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى بولغان ۋاقتىدا،شىتات فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىگە 110مىليارد قەرز بۇلۇپ قالغانلىقتىن ئۇ شىتاتنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان،ھەمدە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ۋاقتىنچە توختىشىنىڭ90كۈنگە سوزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
1989-يىلى فرانكو بىرازىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان.1992-يىلى ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ چىرىكلەشكەنلىكتىن مەجبۇرىي تەخىتتىن چۈشۈرۈلگەن.1994-يىلى بىرازىلىيە%50 لىك پۇل پاخاللىشىقا دۇچ كەلگەندە،فرانكو«رىيال پىلانى»نى يۈرگۈزۈپ يېڭى پۇل تارقىتىپ،پايدا نىسپىتىنى ئاشۇرۇپ،ھۆكۈمەت چىقىمىنى تىزگىنلىگەن.يۇقىرى پايدا نىسبىتى چەت ئەل كاپىتاللىرىنى جەلب قىلىپ،بىرازىلىيەنىڭ ئىقتىسادى قىينچىلىقتىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدە ئۆتۈشىگە ياردەم قىلغان.
فرانكو ئۆمۈر بويى توي قىلمىغان بولۇپ ،نۆۋەتتە ئۇنىڭ باشقا ئائىلە تاۋاباتلىرى بار يوقلىقى ئېنىق ئەمەسكەن.