بىن لادېن ھايات ۋاقتىدا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرىگەن |
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېن ھايات ۋاقتىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ، قايتىدىن تېرورلۇق تورى قۇرۇشنى پىلانلىغانىكەن. «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» 2-ئىيۇل ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: مەخپىي ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىن لادېن ئۆلتۈرۈلشتىن ئىلگىرى ئەگشكۈچىلىرىرنىڭ ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرۋالغان، بۇنىڭدا نۇرغۇن قوراللىقنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكى، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ مالىيە كرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى يېزىلغان. بىن لادېننىڭ دەسلەپكى ھۇجۇم نىشانى ئامېرىكا بولغان، دەپ خەۋەر بەرگەن.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-4 20:19:30 ئۇقۇلۇشى: 702 قېتىم] |
|