شىنخۇا تورىنىڭ7-ئاينىڭ4-كۈنىدىكى خەۋىرى،شۇ جاي ۋاقتى 4-ئىيۇل ئەتىگەن سائەت11دىن 50مىنۇت ئۆتكەندە،كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ 2-دىۋىزىيەسىنىڭ جىياڭخۇاداۋ دېڭىز قىرغىقىدىكى قاراۋۇلخانىدا يۈز بەرگەن، قالايمىقان ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە 3ئادەم قازا قىلىپ3ئادەم يارلانغان.
كورىيە ئارمىيە تەرەپنىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ دېيىشىچە،قالايمىقان ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدىكى جىنX قاتارلىق ئەسكەرلەر قولغا ئېلىنغان.
كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى گۇررۇپپا تەشكىللەپ ۋەقەنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلارنى ئېنىقلاۋىتىپتۇ.