ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋىرى، فىلپپىن ھەربىي تەرەپنىڭ 2 -ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپىننىڭ جەنۇبىدىكى ماگىنداناۋ ئۆلكىسىدىكى بىر مەسچىت ئەتراپىدا يول بويىدا پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 1 ئادەم قازا قىلغان.
ساقچى تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى پارتىلىتىشنى بىر توپ مۇسۇلمان خائىن ئونسۇرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ بىر توپ ئونسۇرلار مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، شىمالىي رايوندىكى كوتاباتو ئۆلكىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ سىرتىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاتىلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 2-ئىيۇل ماگىنداناۋ ئۆلكىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى سۇلتان كۇدارات ئۆلكىسىدە ئىككى دانە قول تېلىفۇنىغا باغلاپ قويۇلغان بومبىنى بايقىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىلىپپىندىكى ئاساسلىق مۇسۇلمان خائىن تەشكىلاتى يېقىندا ھۆكۈمەت بىلەن تېنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.