مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 1-ئىيۇل بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بەش سائەتلىك قاتتىق ئېتىشىش ئارقىلىق، جىتاس ئەتكەسچىلىك گوروھىنىڭ 15 نەپەر ئەزاسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتتىكى دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى شىمالىي قىسىمدىكى زاكاتېكاس ئۆلكىسىدە ئەتكەسچىلىككە قارشى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان.
ئالتە نەپەر ئەسكەر بۇ قېتىمقى ئېتىشىشتا يارلانغان، 17 نەپەر ئەتكەسچلىك گوروھىنىڭ خادىمى تۇتۇلغان.
جىتاس بولسا مېكسىكىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن زەھەر ئەتكەسچىلىك گوروھى، مېكسىكىدىكى ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى چوڭ، مېكسىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى دېڭىز ساھىلىدىكى رايۇنلاردىكى تەسىر كۈچىمۇ ناھايىتى چوڭ.