ئاياللار 46 ياشتىن كېيىن تەڭشەش مەزگىلىگە قەدەم قويىدىكەن |
شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرلەر 40 ياشتا ھەقىقەتەن سىھرىي كۈچكە تولدىىكەن. ئەمما ئاياللار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەن. بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللار 46 ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، يات جىسنىلارغا بولغان ھېسسىياتى بۇرۇنقىدەك ئاشكارە بولمايدىكەن. بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغۇچىلار 2000 نەپەر 40 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنى تەكشۈرۈش ئوبىيىكتى قىلغان. تەتقىقات تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ئاياللار ئالدىنقى مەزگىللەردە ناھايىتى چىرايلىق ھەمدە شوخ بولسىمۇ، ئەمما 45 ياشتىن ئاتلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى شوخلۇقى بۇرۇنقىدەك رۇشەن بولمايدىكەن. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئاياللار بىر تەڭشەش مەزگىلىگە قەدەم قويىدىكەن. تەكشۈرۈشنى قۇبۇل ئاياللارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ يېشى 4 بىلەن باشلانغان دەۋىرگە قەدەم قويغاندا، ئەرلەر ئۇلار ئۈچۈن دائىم ئىشىكنى ئېچىۋەرمەيدىكەن. ئۇلار بىلەن تەڭ ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلاردا قىستىلىپ ئىشقا بېرىشنى خالىمايدىكەن. ھەتتا دائىم كەچ ئۆيگە قايتىپ كېلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھادىسە ئاياللار ئۈچۈن بىر خىل كىرزىس بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ يارىسى ئۈستىگە ياغ چېچېش بىلەن باراۋەر ئىكەن. چۈنكى بۇۋا قىتتا ئاياللار قورۇق چۈشكەن يۈزلىرىگە، ئاق سانجىلىۋاتقان چاچلىرىغا قاراپ دائىم كۆڭلى يىرىم بولۇپ قالىدىكەن. 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئۆزىنىڭ يەنە ئىلگىرىكىدەك باشقىلارنى جەلپ قىلالمىغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىنى ناھايىرى قىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىكەن. يېشى 5 بىلەن باشلانغان دەۋرگە قەدەم قويغاندا، نۇرغۇن ئاياللار قىرىشقا باشلايدىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئانچە قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمەيدىغان كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن. بۇ مەزگىلدە ئاياللار يات جىنسلارنىڭ ئالقىشىغا ناھايىتى تەس ئېرىشىدىكەن. ئاياللار 60 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئىشەنچ قايتىدىن تىكلىنىپ، ھەممە نەرسىگە پىسەنت قىلمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-1 12:10:09 ئۇقۇلۇشى: 585 قېتىم] |
|