جوڭگو خەۋەلەر تورىنىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرى،شۇ جاي ۋاقتى 30-ئىيۇن سەھەردە لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىر قورال-ياراغ ئامبىرىغا ئوت كېتىپ ،ئارقىمۇ-ئارقا پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ قورال-ياراغ ئامبىرى ئۆتىچىلەر قوماندانلىق مەركىزى بانگاشىنىڭ شەرقى 30كېلومېتىرغا جايلاشقان .ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن نەچچە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ ،نەق مەيداندىكى دوختۇر سېستىرالارنىڭ دېيىشىچە يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.
نۆۋەتتە ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەسكەن. بۇ قورال-ياراغ ئامبىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئوننەچچە تانكا ساقلانغان ،بۇ ئامبار قورال -ياراغ ياساشقىمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ ھۆكۈمەتكى قارشى قوراللارنىڭ ئامبىرى ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە،قورال-ياراغلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئۆكتىچىلەرگە زور زەربە بولغان.