ئەنگلىيە شاھزادىسى خاررى بىلەن ئىچ كىيىم مودىلىنىڭ مەخپى مۇناسىۋىتى ئاشكارىلاندى |
قېرىندىشى ۋېليامنىڭ تويىدىن كىيىن ئەنگلىيە شاھزادىسى خاررىينىڭ خانىش كەيتىنىڭ سىڭلىسى پىپا بىلەن قاش كۆز ئوينۇتۇشۇپ يۈرگەنلىكى توغۇرسىدىكى ئۆسەك سۆزلەر تارقالغان، ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭ يەنە يېڭى سەتچىلىكلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، شاھزادا ھازىر F1 مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى Jenson Button نىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستى، داڭلىق ئىچ كىيىم مودىلى Bruce بىلەن يوشۇرۇن ئالاقە قىلىۋاتقان ئىكەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، 26 ياشلىق شاھزادە خاررى 25 ياشلىق Bruce بىلەن تونۇشقىلى كۆپ يىل بولغان. بىراق بىر خان جەمەتى ئاخباراتچىسىنىڭ دېيىشىچە، شاھزادە خاررىنىڭ كونا مۇھەببىتى بىلەن بولغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھەببىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار «بىر جۈپ» كە ئايلانغان. ئىگلىنىشىچە،باشقىلار خاررى بىلەن Bruce نىڭ ئايال تەرپنىڭ لوندوننىڭ غەربى قىسمىدىكى، 2 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى ھەشەمەتلىك داچىسىدا مەخپى ئۇچراشقانلىقىنى كۆرگەن. بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان خان جەمەتى ئاخباراتچىسى مۇنداق دېدى: « ئالتۇن چاچ Bruce خانقىزنىڭ مىجەز قىزىقارلىق، ھەمدە چىرايلىق بولغاچقا، خاررى ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ».
مەنبە: www.chinanews.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-30 17:15:36 ئۇقۇلۇشى: 899 قېتىم] |
|