جوڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرى،مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ئازادلىق مەيدانىدا 29-ئىيۇن قانلىق توقۇنۇش داۋاملىق كۈچىيىپ 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە،28-ئىيۇن كەچتە،مۇبارەك ئاغدۇرۇلىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەتكە قارشى ھەركەتتە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى قاھىرەدە تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. قالغان ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلەلمىگەن،بەزى ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىسمى مۇراسىمدا تىلغا ئېلىنمىغانلىقتىن نارازى بولۇپ ئىككى تەرەپ تۇقۇنۇشۇپ قالغان ھەمدە شەھەر مەركىزىدىكى ئازادلىق مەيدانىغا يۆتكەلگەن.
شۇ كۈنى 8 دانە قۇتقۇزۇش ماشىنسى ئازادلىق مەيدانىغا توختۇتۇپ قويۇلغان بولۇپ،ساقچى تەرەپ ئازادلىق مەيدانىدىن ئاللىقاچان ئايرىلغان. بېشىغا كۆڭلىكىنى چىگىۋالغان 10نەچچە ياش تاش قاتارلىق نەرسلەرنى ئېتىپ ماشىنىلارنىڭ ئازادلىق مەيدانىغا كىرىشىنى توسقان.
مىسىر سەھىيە ئورنىنىڭ دېيىشىچە،توقۇنۇشتا 1036 ئادەم يارلانغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 40 نەپەر ساقچىمۇ بار ئىكەن.
مىسىر ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ دېيىشىچە،40 نەپەر ئادەم توقۇنۇشتا قولغا ئېلىنغان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئامېرىكلىق ۋە بىر ئەنگىلىيەلىك بار بولۇپ ،ئۇلار ھازىر ھەربىي تەرەپنىڭ تەكشۈرىشى ۋە سورىقىنى قوبۇل قىلىۋىتىپتۇ.