شىنخۇا تورىنىڭ 28-ئىيۇن تېلگىراممىسى: 28-ئىيۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى نىكاھ قانۇنىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ يېڭى قانۇندا بەلگىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلىك يەنى چەتئەللىكلەر بىلەن توي قىلىشقا بولمايدىكەن. ئەگەر شۇنداق قىلسا 100 مىڭ رىيال (يەنى 180 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) جەرىمانە تۆلەيدىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، دىنىي، مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرىق سەۋەبىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى يېڭى نىكاھ قانۇنى بۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ باشقا دۆلەت كىشىلىرى بىلەن توي قىلىشىغا يول قويمايدىكەن. بىراق دېڭىز قولتۇقىدىكى باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرى بىلەن توي قىلسا بولىدىكەن. يېڭى قنىكاھ قانۇنىدا بەلگىلىنىشىچە، ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرى چەتئەللىكلەر بىلەن توي قىلىشتا چىڭ تۇرسا، چۇقۇم ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىشى كېرەك ئىكەن. پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىلا ئاندىن چەتئەللىكلەر بىلەن توي قىلسا بولىدىكەن.
بۇ يېڭى نىكاھ قانۇنىدا، توي قىلماقچى بولغانلارنىڭ ياش چەكلىمىسى بىكىتىلگەن بولۇپ، توي قىلىدىغان ئىككى تەرەپتنىڭ ياش پەرقى 25 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن.
ئەنئەنە ۋە ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، مەجبۇرىي نىكاھ ئۇمۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر قىسىم ئائىلىلىلەر ئىقتىسادى مەنپەئەتنى دەپ، قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلىرىنى ياشقا چوڭ كىشىلەر بىلەن چاي ئىچۈرۈپ قويۇشقان. 2008-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر ئەر ئايالىنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي، ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن قىزىنى، يېشى چوڭىيىپ بىر يەرگە بېرىپ قالغان بىر دوستى بىلەن چېيىنى ئىچۈرۈپ قويغان. جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن، بۇ قىز 2009-يىلى سوت سىرىتىدا ياراشتۇرۇش ئارقىلىق يولدىشىدىن ئاجىراشقان.