ياپونىيە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، پۈتۈن ياپونىيەدە 2996 ئادەم ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە ئادەم داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىش سەۋەبىدىن دوختۇرغا ئېلىپ بېرىلغان كىشىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.3 ھەسسە ئاشقان، پەقەت بىر ھەپتە ئىچىدىلا 2267 ئادەم ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ سان ئۆتكەن يىلىدىكى پۈتۈن 6-ئايدىكى سان بىلەن تەڭلەشكەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلارنىڭ ئىچىدە كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر يېنىك بولغانلىرى 1771 ئادەم، ئومومىي ساننىڭ %59 نى ئىگىلىگەن، ئوتتۇراھاللار ۋە ئېغىرراقلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1024 ۋە 94 بولغان، بۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا %34 ۋە %3 بولغان. ياش نوقتىسىدىن قارىغاندا، 65 ياشتىن يوقىرىلار %51 نى ئىگىلىگەن.