ئامېرىكا: «پاكىستان بىن لادېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېدى |
ۋاڭيى تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا 5-ئاينىڭ 2-كۈنى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى ئوساما بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسىدىن زور مىقداردىكى ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنى ھازىرغىچە ئېلان قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىن لاېدىننىڭ قول ئاستىدىكى بىر خەۋەرچىسى يانفوندا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ «غازاتچىلار ھەرىكىتى» (Harakat-ul-Mujahedeen) نىڭ نۇرغۇن قوماندانلىرىنىڭ نومۇرىنى ساقلىغانىكەن. ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«يۇقىرىدىكىلەر بىن لادېننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنى پاكىستان ياردەم بېرىش تورىنىڭ بىر قىسمى قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى بۇنىڭغا پاكىستاننىڭ باشقا جايلىرىدىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئۇچۇر ۋە مەبلەغ تەمىن ئېتىدۇ». شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار يانفوندىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاخبارات ئەربابلىرى «غازاتچىلار ھەرىكىتى» نىڭ قوماندانلىرى بىلەن پاكىستان ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ تېلېفۇنلاشقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، پاكىستاننىڭ بىن لادېننى قانات ئاستىغا ئالغانلىقىدىن گۇمانلانغان. ئەمما، بۇنىڭغا تېخى ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپاتلار كەمچىل ئىكەن. بىن لادېن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە پاكىستاننىڭ ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىن لادېننى يوشۇرۇپ قويغانلىقىدىن گۇمانلانغانىدى. ھەتتا بەزىلەر پاكىستان ئاخبارات تارمىقى بىن لادېننى پاناھ جاي بىلەن تەمىنلىگەن، دەپمۇ قارىغانىدى. ئالدىنقى ئايدا «غازاتچىلار ھەرىكىتى»نىڭ كاتتىۋېشى خارلېي ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بىن لادېن بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ ئۇ مۇنداق دېگەن:« سىلەر پۈتۈنلەي خاتالىشىپسىلەر، بىزنىڭ بىن لادېن بىلەن مۇناسىۋىتىمىز يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخلەت!»
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-25 21:09:34 ئۇقۇلۇشى: 564 قېتىم] |
|