6-ئاينىڭ22-كۈنى،ئاۋمىن ئالاھىدە رايونى ئەدىلىيە ساقچى ئىدارىسى ئاۋمىن ئايرىدىرومىدا زور بىر زەھەر يۆتكەش دىلوسىنى پاش قىلغان بولۇپ كۇلۇمبىيەلىك64 ياشلىق ئەرنى قولغا ئالغان.بۇ ئەر بەدىنىگە 124 پارچە،تەخمىنەن5028گىرام كوكايىننى يوشۇرىۋالغان بولۇپ قىممىتى تەخمىنەن9مىليون270 مىڭ يۈەن ئىكەن.بۇنىڭدىن باشقا ساقچى تەرەپ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بىر مېھمانخانىدىن بىر دىلو چېتىشلىق گۇمانلىق 38 ياشلىق كۇلۇمبىيەلىك يەنە بىر ئەرنى قولغا چۈشۈرگەن.