برازىلىيەدە ئۆتكەن يىلى 89 ئادەم چاقماق سوقۇپ ئۆلدى |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 22-ئىيۇن تېلگېراممىسى «مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ 22-ئىيۇنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، برازىلىيە دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزى (Inpe) نىڭ كۆرسۈتىشىچە، 2010-يىلى برازىلىيەدە 89 ئادەم چاقماق سوقۇپ ئۆلگەن؛ بۇ يىل ھازىرغىچە 28 ئادەمنى چاقماق سوقۇپ ئۆلگەن. بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۆرسۈتۈشىچە، ئۆتكەن يىلى سان پاۋلو ئىشتاتىدا چاقماق سوقۇپ ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 12 ئادەمگە يەتكەن، بۇنىڭدىن قالسا شىمالىي قىسىمدىكى پارادا 8 ئادەم ئۆلگەن، Minas Gerais بىلەن توكانتىنىسنىڭ ھەر بىردە يەتتىدىن ئادەم چاقماق سوقۇپ ئۆلگەن. ئۆتكەن يىلى چاقماق سوقۇپ ئۆلگۈچىلەرنىڭ %82 ى ئەر، تەخمىنەن 20 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغانلار؛ ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە چاقماقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلگۈچىلار، %40 كە يېتىدۇ. تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۆرسۈتۈشىچە، 2000-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، %45 چاقماق سوقۇپ ئۆلۈش ۋەقەسى ياز پەسلىدە يۈز بەرگەن، %29 ى شەرقىي جەنۇبى قىسىمغا مەركەزلەشكەن، %61 ى يېزىلاردا يۈز بەرگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-23 11:13:58 ئۇقۇلۇشى: 265 قېتىم] |
|