« سىز ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى نىمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟» بۇ سۇئالغا نۇرغۇن ئادەملەر ئېنىق جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. لىكىن ئامېرىكىدا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى دەرىجىدىن تاشقىرى يوقىرى بولغان «ئاجايىپ ئادەم» دىن 20 سى بار ئىكەن، ئۇلار ھاياتىدىكى ھەر بىر ئىش ۋە تەپسىلاتلارنى ئېنىق ئېسىدە تۇتالايدىكەن، ئۇلاردىن خالىغان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، نىمە كىيگەنلىكىنى، نىمە يىگەنلىكىنى، سورىسىڭىز، ئۇلار دەرھال جاۋاپ بېرەلەيدىكەن. شياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ 20 ئادەمنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نېرىۋا بىئولوگىيەسى پروفېسسورى مايكول، ئۇلار دۇنيادىكى بىردىنبىر ئالاھىدە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بايقالغان كىشىلەردۇر، دىگەن.
مايكول ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا ئالدىنقى 6 ئادەمنى تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش كىشى تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيە پروگراممىسى «60 مىنۇتلۇق ئۇششاق ئىشلار» دا ئۇچىراشقان، تۇنجى قېتىم تاپقىنى پرايس بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىقتىدارىدىن «زېرىككەن» بولغاچقا، پروگراممىغا چىقىشنى خالىمىغان؛ قالغان بەش كىشىنىڭ ئىچىدە تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى، تېلېۋىزىيە نازارەتچىسى، ئىسكىرىپكا چالغۇچى ۋە ئارتىس قاتارلىلار بار ئىكەن. مايكول ئىلگىرى ئۇلاردىن مېڭەڭلار زادى نىمە ئويلاۋاتىدۇ دەپ سورىغاندا، خۇددى بىر ئادەمدەكلا، «مەن ئۆتكەن ئىشلارنى كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىۋاتقاندەكلا كۆرىۋاتىمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن.
مايكولنىڭ خىزمەتدېشى بۇ ئالتە ئادەمگە قارىتا ماگنىت مەيدانى رېزونانس تەسۋېر كۆچۈرۈش ئېلاپ بارغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ مېڭىسى، يېڭى ئۇچۇرلارنى ساقلايدىغان چېكە ياپراقچىسى (مېڭىنىڭ)، يەنە مەجبۇرلاش كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قۇيرۇقسىمان يادرو قىسىمى ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.