مېكسىكا زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنىڭ كاتتىۋېشىنى قولغا چۈشۈردى |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى، مېكسىكا ساقچى تەرەپ سېسىق نامى پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتكەن «ئۇرۇقداشلىق» زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنىڭ كاتتىۋېشىنى قولغا چۈشۈرگەن. مېكسىكا ھۆكۈمىتى ۋە تەكشۈرگۈچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، فېدېراتسىيە ساقچىلىرى مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا مەزكۇر زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنىڭ كاتتىۋېشى جوسدې جېسمېندېزنى قولغا ئالغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ لەقىمى «مايمۇن» ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىر تېمىم قان تۆكمەيلا قولغا كەلگەن بۇ مۇۋەپپەقىيەت كەمدىن كەم كۆرۈلىدىكەن. مېكسىكا زۇڭتۇڭى كالدېروننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاخبارات ئېلان قىلغۇچىسى ئالىجاندېرو پوئېرنىڭ ئېيتىشىچە، جېسمېندېزنىڭ تورغا چۈشۈشى ھەقىقەتەن بىر قېتىملىق ناھايىتى چوڭ غەلىبە بولۇپ، بۇ «ئۇرۇقداشلىق» زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن. پوئېر مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن:«بۇ قېتىملىق قولغا ئېلىشنىڭ غەلىبىسىگە ئەگىشىپ، بۇ جىنايەتچىلەر گۇرۇھىمۇ گۇمران بولدى. جېسمېندېز ھازىر ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا مېكسىكا شەھىرىگە كېتىۋاتىدۇ. ئۇ شۇ يەردە سوراق قىلىنىدۇ».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-23 11:11:42 ئۇقۇلۇشى: 253 قېتىم] |
|