كانادا سوتى ھۆكۈمەت ئورگىنىنى بىمارلارغا كەندىر تېرىپ بېرىشكە بويرۇدى |
بۇ ئەر-ئايال قانۇنىي يول بىلەن، سوتتىن ئۇلار تۇرۇشلۇق مەھەللە مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئۇلارغا 2500 دوللار پۇل چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يەتكۈدەك كەندىر تېرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. جەمئىيەت پاراۋانلىق ئورنى، ئۇلار ئەزەلدىن بۇنداق ئىشنى ئۇچۇرىتىپ باقىمىغان، شۇڭا دىلونى ئادۋۇكاتلارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا تاپشۇرغان. تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا سوتى بىر مەھەللە مۇلازىمەت ئورنىغا، داۋالىنىش ئېھتىياجى بار بىر جۈپ ئەر-ئايالغا كەندىر تېرىپ بېرىشنى بويرۇغان. ئۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ماشىنا ھادىسىسىدە يارلانغان بولۇپ، ئەر گلاۋكوما كېسىلى بولۇپ قالغان، شۇڭا كەندىر ئىشلىتىش ھوقوقىغا ئىگە. بەلگىلىمە بويىچە، ئۇلار 25 تۈپ كەندىر تېرىسا داۋالاشقا ئىشلەتسە بولىدىكەن، لىكىن ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئۇ ئىككىسى، ئاران 6 تۈپلا كەندىر تېرىغۇدەك پۇلى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ تېرىش تېخنىكىسى تۆۋەن بولغاچقا، ھوسۇل ياخشى بولمايدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-22 11:15:42 ئۇقۇلۇشى: 231 قېتىم] |
|