تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نېرىۋىسىدا مەسىلە بار دەپ گۇمان قىلىنغان بىر ئايال ئويلاپ تاپقان «تەڭرىنىڭ سۆزى» ۋاشىنگتۇن ۋە ئوخايو ئىشىتاتىدىكى ئىككى ئايرۇدرۇمنى 20 مىنۇت خىزمەتتىن توختىتىپ قويغان.
50 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايال شۇ جاي ۋاقتى 20-ئىيۇن جىددىيلەشكەن ھالدا ئوخايو ئىشتاتى داردېن ئايرۇدرومى باش مۇلازىمەت پوكىيىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ يولدا ماشىنا ھەيدەپ كېلىۋاتقاندا تەڭرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى، داردېن ئايرۇدرۇمىدىن ۋاشىنگتۇن رىگان ئايرۇدرومىغا بىردەمدىن كىيىن ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا بىرىنىڭ بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتقان.
خىزمەتچى خادىملار گەرچە ئۇنىڭ نېرىۋىسىدا چاتاق بارمىكىن دەپ گۇمان قىلىشقان بولسىمۇ، لىكىن قاراملىق قىلىشقا پېتىنالمىغان، شۇنىڭ بىلەن داردېن ئايرۇدرۇمىدىن ۋاشىنگتۇن رىگان ئايرۇدرومىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلاننى ۋاقىتلىق ئۇچۇشتىن توختاتقان، لىكىن ئاختۇرۇش ئارقىلىق بومبا بايقالمىغان. ئامېرىكا فىدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ ئايالنىڭ ماشىنىسىنى ئاختۇرۇپمۇ ھېچقانداق نەرسە تاپالمىغان.
ساقچى تەرەپ ۋەقەدىن كىيىن ئۇ ئايالنىڭ روھىي كېسەللىك تارىخىنى تەكشۈرگەن.