چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران 20-ئىيۇن ئۈچ نەپەر جىنايەتچىگە دارغا ئېسىش جازاسى بەرگەن، بۇ جىنايەتچىلەر باسقۇنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن تۇتۇلغان ئىكەن.
خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، ئىران مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى ئىراننىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى شەھەر زابولددىكى ئاممىۋىي مەيداندا، ئۈچ جىنايەتچىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىران بۇ يىل كىرگەندىن ھازىرغىچە 159 ئادەمنى دارغا ئاسقان. ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىيىشىچە، ئۆتكەن يىلى بىر يىلدا دارغا ئېسىلغانلارنىڭ سانى 179 ئىكەن.
ئىران مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەتراپلىق، كەسكىن بولغان ئەدلىيە تەرتىپى يۈرگۈزۈلگەندىن كىيىن، بىر قىسىم چوڭ جىنايەتچىلەرگە دارغا ئېسىش جازاسى بېرىش ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ ئادىل، باراۋەر بولۇشىنى قوغداش كېرەك ئىكەن. ئادەم ئۆلتۈرۈش، قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، زىنا قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە دارغا ئېسىش جازاسى بېرىش ئارقىلىق قاتتىق جازالاش كېرەك ئىكەن.